ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ۋەيران قىلغىنىغا 10 يىل بولدى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلغىنىغا 10 يىل بولدى.

326274
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ۋەيران قىلغىنىغا 10 يىل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى 8 مىڭ 500 يەھۇدىينى غەززە رايونىدىن چىقىرىۋەتكەنىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەقتە ئالغان قارارى قارىماققا پەلەستىنلىكلەرگە پايدىلىقتەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە غەززە دالا تۈرمىسىگە ئايلاندۇرۇلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، غەززەدىن چېكىنگەن ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى.
ئىسرائىلىيە مەنبەلىرىگە كۆرە، ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن تېرروتېرىيەسىدە كەم دېگەندە 531 مىڭ يەھۇدىي كۆچمەن ياشىماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە 2008 -، 2012 – ۋە 2014 – يىللىرى غەززەگە 3 قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلدى.
ھاماسنىڭ راكېتامىيۇت ۋە مىناميوتلىرىنى باھانە قىلغان ئىسرائىلىيە غەززەنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى.
ھۇجۇملاردا مىڭلارچە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، دۆلەت بىنالىرى ۋە خۇسۇسىي ئىمارەتلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
پەلەستىنلىكلەر پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، مىسىرنىڭ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېلىشى تۈپەيلىدىنمۇ 10 يىلدىن بۇيان ئىنتايىن مۇشەققەتلىك باسقۇچنى باشتىن كەچۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر