ئىراق ئەڭ قانلىق كۈنلىرىدىن بىرىنى باشتىن كەچۈردى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

325442
ئىراق ئەڭ قانلىق كۈنلىرىدىن بىرىنى باشتىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 60 ئادەم ئۆلدى، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇم شىئەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سەدر شەھىرىدىكى بىر بازاردا مەيدانغا كەلدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى. لېكىن، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شىئەلەر ياشايدىغان جايلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر