ئىران ئەسەدنى ياقلاپ ب د ت غا تەكلىپ سۇندى

ئىران سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 4 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى سۇندى.

325281
ئىران ئەسەدنى ياقلاپ ب د ت غا تەكلىپ سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران سۈرىيە كىرزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار پايتەخت دەمەشققە قاراپ كېڭەيمەكتە.
ئەسەد قىسىملىرى تۈنۈگۈن كەچتە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قوزغاپ 35 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئونلارچە ئادەمنى يارىلاندۇردى.
بۇ ئارىلىقتا، دەمەشققە بارغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف، بەششار ئەسەد بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە ئىران تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىش مەقسىتىدە تەييارلانغان 4 ماددىلىق تەكلىپ پىكىرلەر كېڭەش قىلىندى.
مەزكۇر تەكلىپ پىكىر سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى بەرپا قىلىش، ئەسەدمۇ بولغان سۈرىيە مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا سايلام ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.
جەۋاد زارىف رادىكاللىققا ۋە تېررورىزمغا قارشى بارلىق قوشنا دۆلەتلەرنى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىشتىن باشقا، سۈرىيەنىڭ مۇستەقىللىق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ تولۇق قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ھىزبۇللاھنىڭ لىۋاندىكى تېلېۋىزىيە قانىلى ئەل مانار، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىمۇ لىۋان چېگرىسىدىكى زابادانى ناھىيەسىدە ھىزبۇللاھ بىلەن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا 48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر