جاۋ جىيەنخۇا دەتالاشلىق رايوندىكى دېڭىز قاتنىشى ھەققىدە توختالدى

خىتاينىڭ فىلىپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋ جىيەنخۇا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىنىڭ چەك – چېگراسى ھەققىدە توختالدى.

324345
جاۋ جىيەنخۇا دەتالاشلىق رايوندىكى دېڭىز قاتنىشى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ فىلىپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋ جىيەنخۇا بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ دېڭىز قاتنىشىنىڭ دەتالاشلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن، ھەرقانداق بىر چەت دۆلەتنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنى خىتاينىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، بۇ ھەقنى سۇيىئېستىمال قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ئارمىيەسى ماي ئېيىدا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدىكى ئارالغا يېقىنلاشقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ P-8A تىپلىق ئايروپىلانىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

لېكىن، ۋاشىنگتون، دەتالاشلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بېيجىڭنىڭ سىياسىتى بىلەن دوقىرىشىپ قالىدۇ.

جاۋ جىيەنخۇا سەيشەنبە كۈنى كەچتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، « دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدىكى دېڭىز ياكى ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىشىغا يول قويۇش دېگەنلىك بولمايدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانداق دۆلەت رۇخسەت قىلمايدۇ.» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر