ئامېرىكا: دائېشنى بىز چوڭايتىۋەتتۇق

ئامېرىكا مۇداپىئە ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى دائېشنى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ چوڭايتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

323018
ئامېرىكا: دائېشنى بىز چوڭايتىۋەتتۇق

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى فىلايىن، 2012-يىلى دائېشنىڭ كۈچلۈك تەھدىت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ چىققانلىقلىرىنى، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا سەل قارىغانلىقىنى، ھەتتا دائېشنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە كۆز يۇمغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
گېزىت بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى مۇنداق بايان قىلدى: «فىلايىن ئەل جەزىرە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە باش كۆتۈرگەن تەشكىلات ۋە گۇرۇھلارنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
سابىق ئىستىخباراتچى ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنى مۇداپىئە ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ دائېش توغرىسىدىكى ئانالىزلىرى ۋە دوكلاتلىرىغا قۇلاق سالماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى. 2012-يىلى ئېلان قىلغان ئانالىز دوكلاتىدا دائېشنىڭ كۈچلۈك تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان فىلايىن، ھۆكۈمەتنىڭ قەستەن بۇنىڭغا سەل قارىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىلىق بۇ ئىستىخباراتچىنىڭ بايانلىرى ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنىڭ ئەركىنلىكى ھەرىكىتى
(Freedom of Informations atc) تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتىكى قاراشلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى. دوكلاتتا «ئەگەر ۋەزىيەت مۇشۇ پېتى داۋام قىلسا شەرقىي سۈرىيەدە رادىكال ھاكىمىيەتلەر باش كۆتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال ھاكىمىيەتنىڭ كۈچلۈك تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان تەشكىلات ۋە گۇرۇھلار غا پايدىلىق ۋەزىيەت ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ» دېگەندەك ئانالىزلار ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.
دوكلاتتا يەنە ئەل قائىدىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە قايتىدىن نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى، ئىراق، سۈرىيە ۋە ئەرەب دۇنياسىدا سۈننىيلارنىڭ بىرلەشتۈرىدىغان كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر