ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە دائېشقا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە.

322244
ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېيمىس بىرىندىل، دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىن ئۇچقۇچىلىق ئايروپىلانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىرىندىل، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت 6 دانە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىن يېقىندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىشىنى ئۈمىد قىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تۈركىيە باش ئىشتاب باشقارمىسى بىلەن ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بىرىندىل، زۆرۈر تېپىلغاندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا تولۇق ئىشتىراك قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بىرىندىل، بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە مۇستەقىل ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر