خىتاي 3- سېنتەبىر بېيجىڭدا ھاۋا قاتنىشىنى توختىتىشنى قارار قىلدى

خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرى ئىدارىسى مەسئۇللىرى، 3- سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ھاۋا قاتنىشىنىڭ ۋاقىتلىق توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

376506
خىتاي 3- سېنتەبىر بېيجىڭدا ھاۋا قاتنىشىنى توختىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ دائىرىلىرى، 3 – سېنتەبىر كۈنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 70 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا. بۇ دائىرىدە خىتاي پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش باشقارمىسى بايانات بېرىپ، 3- سېنتەبىر كۈنىدىكى ھەربىيلەر ماھارەت كۆرسىتىدىغان پەيتلەردە بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرۇمى بىلەن نەۋەن ئايرودرۇمى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن 12:30 يېرىمغىچە تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئىدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۇرغۇن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ھازىردىن باشلاپلا بېيجىڭغا بارىدىغان ۋە بېيجىڭدىن كېلىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر