دائېش ھەلەپتە ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. يارىدار بولغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ۋە ئۆنجىپىنار چېگرا ئېغىزىدىن جىددى قۇتقۇزۇش ئانتومۇبىلى بىلەن كېلىستىكى دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

306427
دائېش ھەلەپتە ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:سۈرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىگە قاراشلىق ئەزىز ناھىيەسىدە دائېش مىلىتانلىرى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە 3 تەكشۈرۈش پونكىتىغا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ھۇجۇم 2 ئادەم بومبا ۋە 1 ئاپتومۇبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى. يارىدار بولغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ۋە ئۆنجىپىنار چېگرا ئېغىزىدىن جىددى قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىلى بىلەن كېلىستىكى دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يارىدار بولغان 5 كىشىدىن 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
يەنە بىر تەرەپتە سۈرىيە ئەسكەرلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كوتروللۇقىدىكى ئوخشاش بولمىغان جايلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 32 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر