560 مىڭ يىللىق ئىنسان چىشى تېپىلدى

غاردىن ھازىرغا قەدەر 80 مىڭ يىللىقتىن تارتىپ، 500 مىڭ يىللىقىچە بولغان 600 مىڭدىن كۆپرەك ئاسارە – ئەتىقىلەر تېپىلدى.

306717
560 مىڭ يىللىق ئىنسان چىشى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر غاردا ئېلىپ بېرىلغان قىزىپ تەكشۈرۈشتە 560 مىڭ يىللىق ئىنسان چىشى بايقالدى.
50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قېزىپ تەكشۈرۈلىۋاتقان توتوۋېل ئاھاگو غارىدىكى بۇ كاتتا بايقاشنى ئارخىئولوگىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
غاردىن ھازىرغا قەدەر 80 مىڭ يىللىقتىن تارتىپ، 500 مىڭ يىللىقىچە بولغان 600 مىڭدىن كۆپرەك ئاسارە – ئەتىقىلەر تېپىلدى. بىراق بۇ قېتىم تېپىلغان چىشنىڭ فىرانسىيەدە بۈگۈنگە قەدەر تېپىلغان ئەڭ قەدىمىي يارىدارلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
بۇ غاردىن ئىلگىرىمۇ «توتوۋېل ئىنسانى» دەپ نام ئالغان ۋە رايۇننىڭ ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولۇشىغا سەۋەب بولغان 450 مىڭ يىللىق ئىنسان قالدۇقلىرى تېپىلغان ئىدى.
ئارخىئولوگلار يېڭى تېپىلغان چىشلارنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېپىلغان ئىنسان قالدۇقلىرى بىلەن سېىلىشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر