ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

باياناتتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 8 كىچىك بالا ۋە 4 ئايالنىڭ بارلىقى، يەنە 4 كىشىنىڭ بولسا، ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ قاماقخانىسىدا قىيىن – قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.

346630
ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى جايلارغا ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ھەم قۇرغۇلۇقتىن ھەم ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمىدا 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دەمەشىق ئەتراپىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا 11 كىشى، ھەلەپتە 8، دەرئادا 5، ھامادا 2، ھۇمۇستا 2، دويرۇززور ۋە راككادا بىردىن بولۇپ جەمئىي 30 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 8 كىچىك بالا ۋە 4 ئايالنىڭ بارلىقى، يەنە 4 كىشىنىڭ بولسا، ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ قاماقخانىسىدا قىيىن – قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەندى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاپ كېڭىشىمۇ ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى ھارەستە رايونىغا زەھەرلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى تۈپەيلى نۇرغۇن كىشىنىڭ نەپەس ئالالماي ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىمۇ ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر