ئەسەد قىسىملىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى توقۇنۇشتى

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

379845
ئەسەد قىسىملىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىگە يېقىن جايدىكى ئەت-تەيفۇر ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قوزغىغان دائېش مىلىتانلىرى بىلەن ئەسەد قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا قارىتا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا ئىككى تەرەپمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ئەسەد قىسىملىرىغا ھەربىي مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتقان ئىرانلىق گېنېرال كېرىم گوباشىنىڭمۇ توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دائېشنىڭ شەنبە كۈنىمۇ بۇ ھەربىي بازىغا يېقىن جايغا سېلىنغان توك تارقىتىش ئىستانىسىسىغا بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن قوزغىغان ھۇجۇمىدا، 9نەپەر ئەسەد ئەسكىرى ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر