باغدادتا ئىككى ئايرىم ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئىراق رامىزان ئېيىدىمۇ قانلىق ھۇجۇملارغا سەھنە بولماقتا؛ پايتەخت باغدادتا مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندىمۇ 21 ئادەم ئۆلدى.

379645
باغدادتا ئىككى ئايرىم ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغدادنىڭ شىئەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىككى ئايرىم يېرىدە مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا يەنە 60 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراق، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاجىز ئورۇندا تۇرۇۋاتقان باغداد، پات – پات بۇ خىل ھۇجۇملارغا سەھنە بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر