ئىتالىيە ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىدە كونسۇلخانا ئاچىدۇ
ئىتالىيە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەربىل شەھىرىدە كونسۇلخانا ئاچىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ باغداد باش ئەلچىسى ماركو كارنېلوس، ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
كارنېلوس، ئىتالىيەنىڭ ئەربىلدىكى ۋەكالەتخانانىسىنى كونسۇلخانىغا ئۆزگەرتىش قارارى ئالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
مەسئۇد بارزانى بولسا، ئىتالىيەنىڭ ئەربىلدە كونسۇلخانا ئېچىشىغا ھەر جەھەتتىن شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىتالىيە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەھەتتىن داۋاملىق قوللايدىكەن ھەمدە پەشمەرگەلەرگە تەلىم - تەربىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.