مىسىر ئارمىيەسى دائېشنىڭ سىنا چۆلىدىكى تارمىقىغا زەربە بەردى

مىسىر ئارمىيەسى، سىنا چۆلىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دائېشقا قاراشلىق ‹سىنا ۋىلايەتى› تەشكىلاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

333554
مىسىر ئارمىيەسى دائېشنىڭ سىنا چۆلىدىكى تارمىقىغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسىنىڭ سىنا چۆلىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دائېشقا قاراشلىق ‹سىنا ۋىلايەتى› ئىسىملىك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا 63 قوراللىق ئۇنسۇر ئۆلتۈرۈلدى.

سىنا چۆلىدىكى شەيخ زۇۋەيد ۋە رەفاھ بازارلىرى ئارىسىدىكى رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە قوراللىق ئۇنسۇرلارغا تەۋە كۆپ مىقداردا قورال ۋە ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

دائىشقا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن نامىنى ‹سىنا ۋىلايەتى› دەپ ئۆزگەرتكەن ‹ئەنسارۇ بەيتىلمەقدىس› تەشكىلاتى، سىنا چۆلىنى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بازا قىلىپ ئىشلەتمەكتە.

مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن ھەپتە مىسىر باش تەپتىشى ھىشام بەرەكاتقا بومبىلىق سۇيىقەست قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر