شۇلىز: تىنچلىق ئورنىتىش ئۈمىدىمىز بۇنچىلىك يۇقىرى بولۇپ باقمىغان

ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى باشلىقى مارتىن شۇلىز، «قىبرىستا تىنچلىق ئورنىتىشقا دائىر ئۈمىدىمىز ھېچقاچان ھازىرقىدەك يۇقىرى بولۇپ باقمىغانىدى» دېدى.

328226
شۇلىز: تىنچلىق ئورنىتىش ئۈمىدىمىز بۇنچىلىك يۇقىرى بولۇپ باقمىغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستاپا ئاكىنجى بىريۇسسېل زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى باشلىقى مارتىن شۇلىز بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن بايانات بەرگەن شۇلىز، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئارالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«پارلامېنت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇزاكىرىلەرنى تامامەن قوللايمىز» دېگەن شۇلىز، بۇ مۇساپىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، قوشۇشقا تېگىشلىك تۆھپىنى قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئاكىنجىمۇ، مەسىلىنى ئادىل ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ ھەم ئارال ھەم رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەتراپلىق ھەل قىلىش چارىسى ئارقىلىق ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بىخەتەر كېلەچەك بەرپا قىلىشنى خالايمىز.»

مۇستاپا ئاكىنجى، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر چەتكە قېقىشقا ئۇچراشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر