خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: مىسىردا 41مىڭ ئادەم تۈرمىدە ياتماقتا

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن مىسىردا بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

325367
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: مىسىردا 41مىڭ ئادەم تۈرمىدە ياتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ ئورنىنى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ ئورنىنى كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىش ئەھۋاللىرى ئىگىلىدى» دېيىلدى.

14 پائالىيەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ياشنىڭ تۈرمىلەردە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش سايىسىدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مىسىردا ئېغىر بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى تەكىتلەندى.

ئۆتكەن 2 يىل ئىچىدە مىسىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ كۆرىنەرلىك دەرىجىدە چېكىنىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ كېلەچەكتە ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋپ شەكىللەندۈرۈش ئېھتىمالى بار، دەپ قارىغان بارلىق كىشىلەرنى بېسىم ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارغا قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 41 مىڭ ئادەم تۈرمىلەردە ياتماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر