خىتايدىكى سەل ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 28 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 28 كىشى ئۆلدى.
326681
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇدا 4 كۈندىن بۇيان توختىماي يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتىدە 100 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، 200 دىن ئارتۇق ئۆي ۋەيران بولدى، 7 مىڭ گەكتارلىق دېھقانچىلىق مەيدانىدىن سىرت يەنە، توك ۋە ئۇچۇر – ئالاقە قۇرۇلمىلىرىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
خىتايدا بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىمۇ 18 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغانىدى.