ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، «3- ماۋى مارمارا» غا مۇداخىلە قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، غەززە مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى مەقسەت قىلغان 3- ئەركىنلىك كېمىلىرى ئەترىتىدىكى بىر كېمىگە خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

324116
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، «3- ماۋى مارمارا» غا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، كېمىنىڭ نۆۋەتتە ئاشدۇد پورتىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، تۇنىسنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇنسىف ئەلمەرزۇقى ۋە ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ پەلەستىنلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن باسىل غەتتاس قاتارلىقلارمۇ بار بولغان كېمە، دەسلەپكى قەدەمدە خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، باشقا كېمىلەر ئوخشاش يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلمەكتە ئىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2007 – يىلىدىن بۇيان غەززە زېمىنىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئېغىر شەكىلدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەر ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان 3 – ئەركىنلىك كېمىلىرى ئەترىتىدىكى 5 كېمىدە جەمئىي 48 ئادەم بار.

جۇلىئانو 2 ناملىق كېمىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرىمۇ بار.

غەززە مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى كۆزلىگەن 3 – ئەركىنلىك كېمىلىرى ئەترىتىگە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ‹مارىئاننې› ناملىق بېلىقچى كېمىسى شىۋېتسىيەنىڭ گۆتېبورگ شەھىرىدىن 11- مايدا يولغا چىققانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر