كۇۋەيت، شىئە جامەسى ھۇجۇمچىسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىدى

كۇۋەيت خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە كۇۋەيت تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈن (يەكشەنبە) كى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر جۈمە كۈنى كۇۋەيتتە مەيدانغا كەلگەن بىر قېتىملىق ئەڭ ئېغىر ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى بېكىتىپ چىققان.

322983
كۇۋەيت، شىئە جامەسى ھۇجۇمچىسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھۇجۇمچى فەھد سۇلايمان ئابدۇلمۇھسىن ئەلقۇبباغ ئىسىملىك سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى بولۇپ، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئەتىگەندە يەنى 27 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 227 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شىئە جامەسىدىكى ھۇجۇمدىن پەقەت بىر قانچە سائەت ئىلگىرىلا كۇۋەيت ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەن.

بۇ، كۇۋەيت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى قېتىم ۋەقەنىڭ «ئادەم بومبا ھۇجۇمى» ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باياناتتا، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بۇ رەزىل ھۇجۇمنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ۋە ياردەملەشكۈچىلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر