فىرانسىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

فىرانسىيەنىڭ ئىتالىيە چېگراسىغا يېقىن گرېنوبلې رايونىدىكى بىر تەبىئىي گاز مۇئەسسەسەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى.

321245
فىرانسىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى ياكى ئۈچ كىشى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان زوراۋانلار مۇئەسسەسەسەگە بېسىپ كىرىپ، بىر كىشىنىڭ بېشىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، كۆپ ساندا كىشىنى يارىلاندۇردى.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋانلار بىر ئاپتوموبىل بىلەن ليون ئەتراپىدىكى بىر مۇئەسسەسەگە ھۇجۇم قىلغان، ئارقىدىنلا بىر ئامېرىكا شىركىتىگە ئائىت مۇئەسسەسەدە ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاش يۈز بەرگەن، ۋەقەدە كۆپ ساندا كىشى يارىلانغان، مۇئەسسەسەدە بېشى كېسىلگەن بىر جەسەت بىلەن ئەرەبچە خەتلەر يېزىلغان بايراق تېپىلغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر زوراۋان فىرانسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كازېنېۋې، پىروگراممىلىرىنى بىكار قىلىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كەتتى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاندمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە قايتىش قارارى ئالدى.
ھۇجۇمنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئاتىغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
تۇتۇلغان گۇماندارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
فىرانسىيەدە يانۋاردىمۇ شارلى ئېبدو ژۇرنىلى بىلەن بىر يەھۇدىي دۇكىنىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 17 كىشى ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر