ئامېرىكىدا 9 قارا تەنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ئامېرىكىدا 9 قارا تەنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كاروليانا ئىشتاتىدىكى ئافرىقا مېتودىست ئېپىسكوپال چېركاۋىغا چارشەنبە كۈنى قىلىنغان ھۇجۇمغا قارشى مىڭلارچە كىشى نامايىش ئۆتكۈزدى. بۇ ھۇجۇمدا 9 قارا تەنلىك ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
نامايىشچىلار چارلىستىندىكى ئاتۇر راۋنېلې كىيار كۆۋرۈكىنىڭ يېنىدا ئۇچراشتى. ساقچىلارنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن قوللىرىغا بايراقلار ۋە لوزۇنكىلار ئېلىپ يۈرۈش قىلغان نامايىشچىلار كۆۋرۈكنىڭ بىر قىسمىنى قاتناشقا توسۇپ قويدى.
ئىرقچىلىقنى قاتتىق ئەيىبلىگەن مىڭلارچە ئامېرىكىلىق، ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن قارا تەنلىكلەر بىلەن بىرگە ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئىنسان زەنجىرى شەكىللەندۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![رۇسىيەدە بىر بىناغا ئوت كېتىپ 8 كىشى قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/70c1/8ff7/2e34/57c16f184935a.jpg?time=1719302422)
رۇسىيەدە بىر بىناغا ئوت كېتىپ 8 كىشى قازا قىلدى
رۇسىيەنىڭ فريازىنو شەھىرىگە جايلاشقان بىر تەتقىقات مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 8 كىشى قازا قىلدى