2014 – يىللىق خەلقئارا تېررورىزم دوكلاتى ئېلان قىلىندى

دوكلاتقا كۆرە، 2014 ـ يىلىدا دۇنيا مىقياسىدا 13 مىڭ 500 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، تەخمىنەن 33 مىڭ كىشى ئۆلگەن. 2013 ـ يىلىدا تەخمىنەن 10 مىڭ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، 18 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

311952
2014 – يىللىق خەلقئارا تېررورىزم دوكلاتى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2014 – يىللىق تېررورىزم دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق خەلقئارا دوكلاتىدا، 2014 ـ يىلىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا، دائېش ۋە بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈچتەن بىر ھەسسە ئاشقانلىقى، ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئىككى ھەسسە ئۆرلىگەنلىكى ۋە ئادەم تۇتۇپ كېتىش ۋە گۆرۈگە ئېلىۋىلىش نىسبىتىنىڭ بولسا، 3 ھەسسە ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتقا كۆرە، 2014 ـ يىلىدا دۇنيا مىقياسىدا 13 مىڭ 500 قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، تەخمىنەن 33 مىڭ كىشى ئۆلگەن. 2013 ـ يىلىدا تەخمىنەن 10 مىڭ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، 18 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
دوكلاتتا يەنە ئۆتكەن يىلى ئاشقۇن كۈچلەر تەرىپىدىن 24 نەپەر ئامېرىكا پۇخراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئادەم تۇتۇپ كېتىش ۋە گۆرۈگە ئېلىۋىلىش نىسبىتى 3137 كىشى بولۇپ، 2014 ـ يىلىدا 9428 كىشىگە يەتكەنلىكى تەكىتلەندى. ساننىڭ بۇنداق ئىشىپ كېتىشىگە ئىراق، ئافغانىستان ۋە نېگىرىيەدىكى توقۇنۇشلار سەۋەپ كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشچە، 2014 ـ يىلىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى جەمئىي 95 دۆلەتتە يۈز بەرگەن، بىراق بۇلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىنى مەركەز قىلغان. ھۇجۇملارنىڭ %60 تىن كۆپرەكى ئىراق، پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان، ۋەنېگىرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان. سۈرىيەدىكى ھۇجۇملارنىمۇ قوشقاندا بۇ نىسبەتەن %80 كە يەتكەن.
دوكلاتتا يەنە دائېشنىڭ سىپىگە چەت ئەللىك پىدائىيلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇۋاتقانلىقى، لىۋىيە، مىسىر ۋە نېگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ دائېشقا قېتىلىپ كەتكەن تەشكىلاتلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتە دائېش ۋە باشقا ئاشقۇن تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق تىرىشچانلاقلاردا ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر