ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 100 ئىسيانچىنى ئۆلتۈردى

ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بىرما چېگراسىدىكى ئىسيانچىلارغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىىتىدە 100 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.

301141
ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 100 ئىسيانچىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Hindustan Time› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما چېگراسىدىن تەخمىنەن 4 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت 45 مىنۇت داۋاملاشقان، ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە بىرما دائىرىلىرىگىمۇ خەۋەر بېرىلگەن.
ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا ھۆكۈمەتنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي يەرلىك خەلقلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۆلگۈنچى ماۋجۇلار پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ئىسيانچىلارنىڭ ئۆتكەن ھەپتە مانىپۇر ئۆلكىسىدە بىر ھەربىي ئەترەتكە ھۇجۇم قىلىپ، 18 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن، ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانىدى. بىرما 2010 – يىلدىن بېرى ھىندىستان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىسيانچىلارغا ئۆز تېرروتېرىيەسىدە مۇداخىلە قىلىشىغا رۇخسەت بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر