ئوباما پۇتىن سوۋېت ئىمپېرىيەسى قۇرۇش خىيالىدا، دېدى

ئوباما گ-7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

297786
ئوباما  پۇتىن سوۋېت ئىمپېرىيەسى قۇرۇش خىيالىدا، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزىدېنتى باراك ئوباما، رۇسىيە پىرىزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى سوۋېت ئىمپېرىيەسى قۇرۇش خىيالىغا بېرىلىپ رۇسىيە ئىقتىسادىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىش بىلەن ئەيىبلىدى.
باراك ئوباما گېرمانىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا كىرۇن شەھىرىدىكى ئېلماۋ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن گ-7 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدىن كېيىن ئېلىنغان قارارلار ئۈستىدە توختالدى.
ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيىتىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئېيتقان باراك ئوباما مۇنداق دېدى: «گ-7 دۆلەت گۇرۇھى ئۇكرائىناننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
ئىككى يىلدىن بۇيان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ رۇسىيەسىز ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئوباما: «گ-7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا زوراۋانلىق قىلىشى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمباگولارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.
سۈرىيە بىلەن ئىراققا چەت ئەل «جەڭچى»لىرىنىڭ بېرىشىغا توسالغۇ بولۇش مەسىلىسىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئوباما مۇنداق دېدى: «مىڭلارچە چەت ئەل جەڭچىسى دەسلەپ سۈرىيەگە، ئارقىدىن ئىراققا كەتتى. ناۋادا ئۇلارنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بېرىشىغا توسالغۇ بولالىساق، رايوندىكى دائېش كۈچلىرىنى ئاجىزلاتقىلى بولىدۇ.»
باراك ئوباما ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي-تەلىم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، بۇ تەلىم-تەربىيە توغرۇلۇق ئېنىق ئسىتىراتېگىيەسىنىڭ يوقلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر