ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 5 مىليون قېتىم كۆرۈلگەن ۋىدېئو...

بىر ئامېرىكا ساقچىسىنىڭ زوراۋانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئو 5 مىليون قېتىم كۆرۈلدى.

297797
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 5 مىليون قېتىم كۆرۈلگەن ۋىدېئو...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ساقچىلارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا بولغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرى كۈندىن-كۈندىن ئاشماقتا.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 5 مىليون قېتىم كۆرۈلگەن بىر ۋىدېئودا، تېكساس ئىشتاتىدا ساقچىلار ياشلارغا ئوق چىقارغان.
ۋىدېئودا بىر تېكساس ساقچىسى بىر يەرگە رۇخسەتسىز كىرگەن بىر توپ ياشنى بۇ جايدىن چىقىرىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بارىدۇ. بىراق ساقچىلار ياشلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىدۇ. ساقچى خادىمى ئېرىك كېيىسبولت بۇيەردىكى قىزلاردىن بىرىنى يەرگە يېقىتقاندىن كېيىن، ياشلارغا قورالىنى تەڭلەيدۇ. ۋەقەدىن كېيىن، بۇ ساقچى خادىمى ۋەزىپىسىدىن ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلىدۇ، رايوندىكى نوپۇزلۇق كىشىلەر بولسا، بۇ ساقچى خادىمىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر