بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە ۋاكۇئۇم بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدىكى جايلارنى بومباردىمان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىبنىڭ سەلكىن بازىرىنى «ۋاكۇئۇم بومبىسى» بىلەن بومباردىان قىلدى. بومباردىماندا 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقلاب كېڭىشى ئېلان قىلغان باياناتتا، مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىقلىرىدىن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇ جەرياندا، پايتەخت دەمەشىقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋە ئۈچ يىلدىن بۇيان بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان يەرمۇق مۇساپىرلار لاگېرىغا سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان 25 بەششار ئەسەد ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى.
نۇسرا ئالدىنقى سېپىدىكى بىر قوماندان 50 ئەسكەرنىڭ لاگېرغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى چىققان ئېتىشىشلاردا، 25 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلكىنى بىلدۈردى. ئۇ بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ سۇفيان ئەسسەۋرى ھەربىي بازىسىدىن تانكا ۋە مىناميوتلار بىلەن يەرمۇق لاگېرىنى قالايمىقان ئوققا تۇتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.