بىرازىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى پەلەستىننى زىيارەت قىلدى

بىرازىلىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى جۇنھانىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس بىلەن كۆرۈشتى.

293467
بىرازىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى پەلەستىننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس بىرازىلىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئېدۋارد جۇنھا ۋە پارلامېنتتىكى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەتنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلدى. پەلەستىن ۋافا (WAFA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۆرۈشۈشتە خەلقئارا قارارلارنى ئىجرا قىلمىغان ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن قاپسېلىپ قالغان سىياسىي مۇساپىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.
مەھمۇت ئابباس: «پەلەستىن تەرەپ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان، پايتەختى قۇددۇس بولغان ۋە 1967-يىلدا بەلگىلەنگەن چېگرا ئىچىدىكى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بەلگىلەنگەن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىراق، ئىسىرائىلىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى رەت قىلىشى خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى يوققا چىقارماقتا» دېدى. ئۇ بىرازىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللاش مەيدانىنى ماختىدى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخخمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
بىرازىلىيە پارلامېنتنىڭ باشلىقى جۇنھا، بىرازىلىيە پارلامېنتىنىڭ «ئادىل تىنچلىق» نىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر