گانادا پارتلاش يۈز بېرىپ، 90 ئادەم ئۆلدى

ئافرىقا دۆلىتى گانانىڭ پايتەختى ئاركادىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 90 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

292865
گانادا پارتلاش يۈز بېرىپ، 90 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، ئۆلگەنلەرنىڭ تويۇقسىزلا ياغقان يامغۇردىن قېچىپ ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىرىۋالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پارتلاشنى شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. بالنىستقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاركادا ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان نى كارتېي بورىنى تەسىر كۈچىنى كۆرسەتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر