باكۇدا خەلقئارا كاسپىي نېفىتى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

پايتەخت باكۇدا 22-نۆۋەتلىك خەلقئارا كاسپىي نېفىتى ۋە تەبىئىي گاز يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى.

291629
باكۇدا خەلقئارا كاسپىي نېفىتى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

22-نۆۋەتلىك خەلقئارا كاسپىي نېفىتى ۋە تەبىئىي گازى يەرمەنكىسى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلدى.
27 دۆلەتتىن 315 شىركەت قاتناشقان يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەزەربەيجان پىرىزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ لىنتا كەستى.
ئەلىيېۋ سۆزىدە تۈركىيەمۇ ئورۇن ئالغان جەنۇبىي گاز كورىدورى لايىھەسىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تاناپ لايىھەسى 3 يىلدا تاماملىنىدۇ، 3 يىلدىن كېيىن ئەزەربەيجان گازى ھەم ئەزەربەيجانغا ھەمدە تۈركىيەگە يۆتكىلىدۇ. بۇ لايىھەدىن ئالاقىدار تەرەپلەر كۆپ مەنپەئەتلىنىدۇ.»
ئېنېرگىيە ساھەسىدە نوپۇزلۇق تۈرك شىركەتلىرىمۇ بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشتى. باكۇ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكە 5-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر