سولومون ئاراللىرىدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى

تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سولومون ئاراللىرىغا يېقىن يەردە 6.8 بال يەر تەۋرىدى.

285541
سولومون ئاراللىرىدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە كىراكىرا بازىرىنىڭ 224 كىلومېتىر شەرقىي قىسمىدا مەيدانغا كەلدى. ئالاقىدار تەرەپلەر، تەۋرەشنىڭ دېڭىزنىڭ 37 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، دېڭىز تاشقىنى خەۋپىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

رايوندا يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە 6 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشنىڭ مەيدانغا كېلىشى تېخىمۇ شىددەتلىك يەر تەۋرەش ۋەقەلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىغا دائىر ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىۋەتتى.

سولومون ئاراللىرى تىزمىلىرىدا ئۆتكەن ھەپتىمۇ 7 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر