سۈرىيە ئارمىيەسى ۋارىل بومبىسى ئىشلەتتى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

284377
 سۈرىيە ئارمىيەسى ۋارىل بومبىسى ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى ئەش شار شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 3 ى لىدەر بولۇپ، جەمئىي 40 ئۆكتىچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەنگلىيە مەركەزلىك سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش كومىتېتى، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە ۋارىل بومبىلىرى ۋە راكېتامىيۇتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونىتروللۇقىدىكى ئەش شار شەھىرىنى پات – پات بومباردىمان قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر