دائېش 2000 يىللىق قەدىمىي شەھەر پالمىرانى قولغا كىرگۈزدى

سۈرىيەنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى 2 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھىرى پالمىرا، بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن دائېش (ئى ش ئى د) نىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.

282695
دائېش 2000 يىللىق قەدىمىي شەھەر پالمىرانى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش شەھەردىكى تۈرمە، دوختۇرخانا ۋە ئايرودۇرۇمنىمۇ كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسكەرلىرى شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن شەھەردىن چېكىندى، پۇقرالار تارقاقلاشتۇرۇلدى.

دائېش قوراللىقلىرى پالمىرا قەدىمىي شەھىرىنى ئوراپ تۇرىدىغان تەدمۇر شەھىرىنىمۇ قولغا كىرگۈزدى. ھۇمۇسنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان پالمىرا، ب د ت پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - UNESCO نىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى بىر شەھەر ئىدى. UNESCO، پالمىرا قەدىمىي شەھىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

دائېش بۇنىڭدىن ئىلگىرى قولغا چۈشۈرگەن قەدىمىي يادىكارلىقلارغا زىيان سالغانىدى. سۈرىيە ھاكىمىيىتى يۈزلەرچە ھەيكەلنى بىخەتەر جايلارغا ئاپىرىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر