خىتاي ھىندىستان بىلەن 24 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى

خىتاي بىلەن ھىندىستان مائارىپتىن ئالەم قاتنىشىغىچە، ئىقتسادتىن ئۆزئارا كونسۇلخانا ئېچىشقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەر بويىچە كېلىشم ئىمزالىدى.

276267
خىتاي ھىندىستان بىلەن 24 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندا مودى، بېيجىڭدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.
تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى خەلق چوڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي مۇراسىمدا، لى كېچياڭ ۋە نارېندا مودى ھەر ئىككى دۆلەت مارشلىرى چېلىنغاندىن كېيىن، ھۆرمەت قاراۋۇللىرىغا سالام بەردى.
مۇراسىمدىن كېيىن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىككى تەرەپ، مائارىپ، تەتقىقات مەركەزلىرى، مېديا، دېڭىز ئىشلىرى، قاتناش، تېخنىكا، ساياھەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ۋە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.
مودى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە مەنپەئەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئاراغىمۇ ئىجابىي سىگنال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مودى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنى شىئەندە قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «شى جىنپىڭنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى 1 مىليارد 250 مىليون ھىندىستان خەلقىنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشتى» دېدى.
مودىنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتىدىن كېيىن شاڭخەيگە بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇ قېتىم خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر دائىرىسىدە، خىتاينىڭ چىڭدۇ شەھىرى بىلەن ھىندىستاننىڭ چەننەي شەھىرىدە ھەر ئىككى تەرەپ كونسۇلخانا ئاچىدىغان بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر