«ساقچىلار مۇستەبىتلەشتى ۋە ئىشغالىيەتچىلەردەك ھەرىكەت قىلماقتا»

ئامېرىكىدا ساقچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ مۇستەبىتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

274381
«ساقچىلار مۇستەبىتلەشتى ۋە ئىشغالىيەتچىلەردەك ھەرىكەت قىلماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قارا تەنلىك بىر ياشنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ساقچى ئاقلاندى.
مەدىسون شەھىرىدە 6-مارتتا 19 ياشلىق بىر قارا تەنلىك ياشنى ئېتىۋەتكەن ساقچى خادىمى ھەققىدە دېلو تۇرغۇزۇشقا كېرەك يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلدى
مەھكىمىنىڭ بۇ قارارى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى، يۈزلەرچە ئادەم نامايىش ئۆتكۈزدى.
كوچىنىڭ بېجىنى تۆلەپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن نامايىشچىلار كوچىلارنى قاتناشقا توسۇۋەتتى. ساقچىلارنىڭ ئامېرىكىدا زوراۋانلىقنىڭ سىموۋلى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن نامايىشچىلار «ساقچىلار مىللىتارىستلارغا ئايلاندى. ساقچىلار ئىشغالىيەتچىلەرگە ئوخشاشلا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار خەلق ئۈچۈن خەلقنىڭ يېنىدا ئەمەس، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالماقتا» دېيىشتى. ساقچىلار 25 نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر