كونگودا ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلماقتا

دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلماقتا.

275032
كونگودا ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېنى بازىرىغا بېسىپ كىرگەن بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 23 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ھۇجۇمدىن كېيىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان كونگو ئارمىيەسى بىلەن قوراللىق كىشىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قوراللىق ئۇنسۇلارنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە بېنى بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىۋۇ رايونىغا قىلغان ئۈچىنچى چوڭ ھۇجۇمى ئىكەن.

رايوندا يۈز بەرگەن ئۆتكەن ھەپتىدىكى ھۇجۇمدا 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئۇگاندانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى دېموكراتىك كۈچلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇيان شەھەر – بازالارغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ سانلىقى بالىلار بولۇپ، 300 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

1960 – يىلى بېلگىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان كونگو، 1991- يىلى كونگو ۋە دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى، دەپ ئىككى دۆلەتكە بۆلۈنگەنىدى. زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولۇۋاتقان دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىدە 200 دىن ئارتۇق ئېتنىك گۇرۇپپا ياشايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر