ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى
مەركىزى نۇقتىسى مىياگى قىرغىقىغا 46 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولغان شىددەتلىك يەر تەۋرەش پايتەخت توكيودىمۇ ھېس قىلىندى.
272219
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات يوقلىقىنى بىلدۈردى.
يەر تەۋرەشتە فۇكۇشىما يادرو رېئاكتورى زىيانغا ئۇچرىمىدى. 2011 – يىلى مەزكۇر رايوندا 9 بال يەر تەۋرىگەن، ئارقىدىن دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ، 18 مىڭ ئادەم ئۆلگەنىدى.