دائېش ئاخىرى ئەسەد قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

دائېش بىلەن ئەسەد قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

273493
دائېش ئاخىرى ئەسەد قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 28 سۈرىيە ئەسكىرى بىلەن 20 نەپەر دائېش مىلىتانى ئۆلدى.
سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى كۆزىتىش ئورگىنى تۈنۈگۈن كېچىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا دائېشنىڭ ئەل سۇكنا ناھىيەسى بىلەن ئەتراپىدىكى بەزى تۇرالغۇ جايلارنى قولغا كىرگۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. توقۇنۇشلار داۋاملاشقان ھۇمۇس سۈرىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
شەھەر مەركىزى ئۇزۇندىن بۇيان ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن يېزا-قىشلاقلار دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر