قىبىرس تىنچلىق سۆھبەتلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

قىبىرس تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن يېڭى قەدەملەر تاشلاندى.

269928
قىبىرس تىنچلىق سۆھبەتلىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىس تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن تۇنجى قەدەم تاشلاندى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى بىلەن قىبرىس رىم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىياداس كەچلىك زىياپەتتە ئۇچرىشىدۇ.
زىياپەتتە بۇلتۇر ئۆكتەبىردە توختىتپ قويۇلغان سۆھبەت مۇساپىسى تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، كېڭەشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇزاكىرە يۆنىلىشى بەلگىلىنىدۇ. ئىككى رەھبەرنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ كەچلىك زىياپەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى قىبرىس ئالاھىدە ئەلچىسى ئېپېن بارس ئېيدنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر