مۇبارەك 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
مىسىرنى ئۇدا 30 يىل باشقۇرغان سابىق پىرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەك چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
268541
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاھىرە سوت مەھكىمىسى مىليونلارچە دوللارنى ناھەق قولغا كىرگۈزۈۋالغان مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلىنى 4 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، تۇتقۇنلۇق ھالىتى نەزەرگە ئېلىنغان تەقدىردە، ھۆسنى مۇبارەكنىڭ تۈرمىگە كىرمەستىن ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.