خىتاي ئامېرىكىغا: «ئىچكى ئىشلىرىمغا ئارىلاشما» دېدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختاتسۇن، ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى.

266844
خىتاي ئامېرىكىغا: «ئىچكى ئىشلىرىمغا ئارىلاشما» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ قولغا ئېلىنغان ئادۋوكاتنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى ۋە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى جېف راسكېنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغان ئادۋوكات پۇ جىچياڭنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ۋە ئۇنى بارلىق چەكلىمىلەردىن ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى باياناتىغا: «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختاتسۇن، ئامېرىكىغا ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى.
ئادۋوكات پۇ جىچياڭ 2014-يىلى ئىيۇندا باشقىلارنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغان ئىدى.
خۇا چۈنيىڭ يەنە: «ئامېرىكا ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا چات كېرىۋالىدۇ ۋە باشقىلارغا دۇنيانىڭ ساقچىسى ياكى سوتچىسىدەك مۇئامىلە قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ماڭا ئوخشاش ھېس قىلغانلار بارمۇ-يوق، بەكمۇ قىزىقىمەن» دېدى. ئۇ ئادۋوكاتنى قولغا ئېلىش جەريانىنىڭ قانۇن دائىرىسىدە بولغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلە قىلىش ۋە سۆز قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر