بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا

نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا.

258666
بوكو ھارامغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ قولىدىن كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 234 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى.
قۇتۇلدۇرۇۋېلىنغانلارنىڭ بوكو ھارامنىڭ سامبىسا ئورمانلىقىدىكى پاناھگاھىدا تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بوكو ھارام مىلىتانلىرى بۇلتۇر 14 – ئافرېل كۈنى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق چىبوك شەھىرىدىكى بىر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ 267 قىز ئوقۇغۇچىنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتكەنىدى. تەشكىلات لىدەرلىرىدىن ئەبۇبەكىر شېكاۋ، بوكو ھارام مەھبۇسلىرى قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردە قىز ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.
ئەسىرگە ئېلىنغان قىزلاردىن 57 سى قېچىپ قۇتۇلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر