تالىبان بىلەن ئافغانىستان كۈچلىرىنىڭ توقۇنۇشىدا 85 ئادەم ئۆلدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان قۇندۇز ۋىلايىتىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان قوراللىقلىرى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.
254412
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توقۇنۇشلاردا 10 نەپىرى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 85 ئادەم ئۆلدى، 16 ساقچى بىلەن 93 تالىبان ئەزاسى يارىلاندى.
توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن يۈزلەرچە كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى.