بان كىمۇن: تۈركىيە كۆپلىگەن ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، تۈركىيەنىڭ پەقەت 2015- يىلىدىكى 20 دۆلەت گوروھى رەھبەرلىكى دائىرىسىدىلا ئەمەس، كۆپلىگەن ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

254621
بان كىمۇن: تۈركىيە كۆپلىگەن ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ بان كىمۇن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ پارىژدىكى مەركىزىدە لېكسىيە سۆزلىگەندە، تۈركىيەنىڭ خۇسۇسەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ قارشى ئېلىنىشىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ب د ت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىمىز ۋە بۇ پائالىيەتلەرگە ھەسسە قوشىمىز» دېدى.

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىنمۇ مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر