نېپالدا يەر تەۋرەپ 618 كىشى ئۆلدى

نېپال تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەشتە 618 كىشى قازا قىلغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

249714
نېپالدا يەر تەۋرەپ 618 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش پايتەخت كاتماندۇنىڭ 80 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدا، يەرنىڭ تېگىدىن 2 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن، ئاپەتتە كاتماندۇدىكى بىر قىسىم بىنالار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا قانچە ئەسىر بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت ئىبادەتخانىلارمۇ بار ئىكەن. يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلار دوختۇرخانىلارغا سەلدەك ئاققان. قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن كەڭ خەلق ئاممىسى بىنالارنى تاشلاپ سىرتقا ئۆزلىرىنى ئاتقان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەڭ خەلق ئاممىسى قالدۇق يەر تەۋرەش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇلماقتا، بىنالارغا كىرمەسلىكى تەلەپ قىلىنماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، يەر تەۋرەش قوشنا دۆلەت ھىندىستاندىمۇ ھېس قىلىنغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر