مۇھەممەد مۇرسى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2013 – يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان مۇھەممەد مۇرسى ئىتتىھادىيە مەيدانى ۋەقەلىرى دېلوسىغا چېتىلىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

244780
مۇھەممەد مۇرسى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر سوت مەھكىمىسى سابىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.
مىسىرنىڭ تۈنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى بولۇپ ھېسايلىنىدىغان شۇنداقلا 2013 – يىلى ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان مۇھەممەد مۇرسى ئىتتىھادىيە مەيدانى ۋەقەلىرى دېلوسىغا چېتىلىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
2012 – يىلىدىكى ۋەقەلەر جەريانىدا مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
سوتتىكى بۇ قېتىمقى دېلودا مۇرسى بىلەن بىرلىكتە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 11 نەپەر رەھبىرى سوتقا تارتىلغان بولۇپ، سوتنىڭ قارارىغا قارشى يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇش يولىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇرسى ئىسكەندېرىيەدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىنتايىن يۇقىرى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇنىڭ ھەققىدىكى باشقا دەۋالارنىڭ تەكشۈرۈلىشمۇ داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر