گېرمانىيەدە بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەدە بىر مۇساپىرلارنىڭ لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

234869
گېرمانىيەدە بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ ھېسسېن ئۆلكىسىدە 22 مۇساپىر قېلىۋاتقان بىر بىناغا بىر ئوچۇم سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر ھۇجۇم قىلدى. ۋەقەدە ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى باشلىدى.
گېرمانىيەدە مۇساپىرلار قېلىۋاتقان بىنالار ئىزچىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە. رادىكال ئوڭچىللار مۇساپىرلار لاگېرىغا ھازىرغىچە جەمئىي 62 ھۇجۇم قىلدى.
ساكسونيا-ئانخالت ئۆلكىسىدىكى تىرۆگلىتىز رايونىدا مۇساپىرلار ئۈچۈن سېلىنىۋاتقان بىنادا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە بىنا پۈتۈنلەي كاردىن چىققانىدى.
ساكسونيا-ئانخالت ئۆلكىسى جىنايى ئىشلار باشقارمىسى باشلىقى جۈرگان سىچموكېل، ۋەقەگە شاھىت بولۇپ بېرىدىغانلارغا 20 مىڭ ياۋرو سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر