بىرمانىڭ خىتاي چېگراسىغا يېقىن جايدا بومبا پارتلاپ 2 ساقچى ئۆلدى

بىرمانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان خىتاي چېگراسىغا يېقىن رايوندا بومبا پارتلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

234553
بىرمانىڭ خىتاي چېگراسىغا يېقىن جايدا بومبا پارتلاپ 2 ساقچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۈگۈن (دۈشەنبە) بايانات بېرىپ، بىرمانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خىتاي چېگراسىغا يېقىن تىنچسىز رايوندا بومبا پارتلىغانلىقىنى؛ ۋەقەدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش قىسىملىرىنىڭ 2 خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 3 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي چېگراسىغا يېقىن جايدىكى گۈللەنگەن سودا مەركىزى – موستا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشنىڭ پەردە ئارقىسىغا قانداق غەرەزلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

موس بازىرى يېقىنقى ئايلاردا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن كوكاڭ خىتاي ئىسيانچىلىرى شەكىللەندۈرۈۋالغان بىرما مىللىي دېموكراتىك ئىتتىپاقى كۈچلىرى ئارىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان كوكاڭ ئاپتونوم رايونىغا يېقىنلا يەرگە جايلاشقان.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان بىر ساقچى ئەمەلدارى، شەنبە كۈنى كەچتە ساقچىلار يانوجونغا 1095 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان شەرقىي شىمالىدىكى موس بازىرىغا يېقىن بىر جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە 2 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «ھۇجۇمنى كىمنىڭ نېمە مەقسەتتە سادىر قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى.

20 دەك قوراللىق گۇرۇپپا مەركىزىي ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇپلا تۇرىدىغان بىرمادا، بومبا ھۇجۇملىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر