بېلارۇسىيە خىتاي بانكىلىرىنى كۈتمەكتە

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكو خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي بانكىلىرىنىڭ دۆلىتىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

232492
بېلارۇسىيە خىتاي بانكىلىرىنى كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكو دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن دۆلىتىگە يېتىپ كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنى قوبۇل قىلدى. لۇكاشېنكو كۆرۈشۈشتە، خىتاي بانكىلىرىنى بېلارۇسىيەگە مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېلارۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ۋە بېلارۇسىيەنى يېڭى يىپەك يولى لايىھەسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
لۇكاشېنكو بىلەن ۋاڭ يى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ يى مىنسىك بىلەن بېيجىڭنىڭ ب د ت دا ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلاردا، «2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرى، تارىخىي ھەقىقەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئادالەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى» سۈپىتىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ۋاڭ يى بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋلادىمىر ماكېي بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ماي ئېيىدا بېلارۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن. 2014 – يىللىق سودا رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، بېلارۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسدىكى سودا ئومۇمىي ھەجىمى 4 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. بېلارۇسىيەدە خىتاينىڭ توپلام 5.5 مىليارد دوللارلىق 20 خىل قەرز بېرىش تۈرى ئىجرا قىلىنماقتا.
مىنسىك ئەتراپىدا ئىككى دۆلەت مەبلەغ سالغان «ۋېلىكىي كامېن» دەپ ئاتالغان 130 مىڭ كىشىلىك ئەڭ چوڭ سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر