سابىق سېكرېتار جى جيەنيى 15 يىل كېسىلدى
جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى جى جيەنيى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.
229834
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جى جيەنيى 1999 – يىلدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سېكرېتارى ۋە نەنجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان ئىدى. ئۇ بۇ مەزگىللەردە 11.3 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 1.8 مىليارد دوللار) پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەندى.
جى جيەنيى 2014 – يىلى دېكابىر ئېيىدا سوتلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلدى. ئەمما، يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.