خىتاي يەمەننىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، يەمەننىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

282560
خىتاي يەمەننىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي يەمەنگىچە قىستاپ بارغان شىئە ھۇسىي قوراللىقلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ يەمەننىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي بارلىق تەرەپلەرنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ‹دەتالاشنى سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش› توغرىسىدىكى يەمەنگە ئالاقىدار قارارلىرىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر